Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەكەرىيا

زەكەرىيا 10

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەرۋەردىگاردىن «كېيىنكى يامغۇر» پەسلىدە يامغۇرنى تەلەپ قىلىڭلار؛ پەرۋەردىگار چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ، ئۇلارغا مول يامغۇرلارنى، شۇنىڭدەك ھەربىرىگە ئېتىزدا ئوت‫‪‎-‎‬‬چۆپلەرنى بېرىدۇ.
2چۈنكى «ئۆي بۇتلىرى» بىمەنە گەپلەرنى ئېيتقان، پالچىلار يالغان «ئالامەت»لەرنى كۆرگەن، تۇتۇرۇقسىز چۈشلەرنى سۆزلىگەن؛ ئۇلار قۇرۇق تەسەللى بېرىدۇ. شۇڭا خەلق قوي پادىسىدەك تېنەپ كەتتى؛ ئۇلار پادىچىسى بولمىغاچقا، ئازار يېمەكتە.  
3مېنىڭ غەزىپىم پادىچىلارغا قوزغالدى؛ مەن مۇشۇ «تېكە» يېتەكچىلەرنى جازالايمەن؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز پادىسىدىن، يەنى يەھۇدا جەمەتىدىن خەۋەر ئېلىشقا كەلدى؛ ئۇ جەڭدە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىك ئېتىدەك قىلىدۇ.
4ئۇنىڭدىن يەنى يەھۇدادىن «بۇرجەك تېشى»، ئۇنىڭدىن «قوزۇق»، ئۇنىڭدىن «جەڭ ئوقياسى»، ئۇنىڭدىن «ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى» چىقىدۇ.
5شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جەڭدە، دۈشمەنلەرنى كوچىلاردىكى پاتقاقنى دەسسىگەندەك چەيلەيدىغان پالۋانلاردەك بولىدۇ؛ ئۇلار جەڭ قىلىدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن بىللىدۇر؛ ئۇلار ئاتلىق ئەسكەرلەرنىمۇ يەرگە قارىتىپ قويىدۇ.
6مەن يەھۇدا جەمەتىنى كۈچەيتىمەن، يۈسۈپنىڭ جەمەتىنى قۇتقۇزىمەن؛ مەن ئۇلارنى قايتىدىن ئولتۇراقلىشىشقا قايتۇرىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارغا رەھىم‫‪‎-‎‬‬شەپقەتنى كۆرسىتىمەن. ئۇلار مەن ھېچقاچان تاشلىۋەتمىگەندەك بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارمەن؛ مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن.
7ئەفرائىمدىكىلەر پالۋاندەك بولىدۇ، كۆڭۈللىرى شاراب كەيپىنى سۈرگەنلەردەك خۇشاللىنىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بالىلىرى بۇنى كۆرۈپ خۇشاللىنىدۇ؛ ئۇلارنىڭ كۆڭلى پەرۋەردىگاردىن شادلىنىدۇ.
8مەن ئۈشقىرىتىپ، ئۇلارنى يىغىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىمەن؛ ئۇلار ئىلگىرى كۆپىيىپ كەتكەندەك كۆپىيىدۇ.
9مەن ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىدا ئۇرۇقتەك چاچىمەن؛ ئاندىن ئۇلار مېنى يىراق جايلاردا ئەسلەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بالىلىرى بىلەن ھايات قېلىپ، قايتىپ كېلىدۇ.
10مەن ئۇلارنى قايتىدىن مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ كېلىمەن، ئاسۇرىيەدىنمۇ چىقىرىپ يىغىمەن؛ ئۇلارنى گىلېئاد ۋە لىۋان زېمىنىغا ئېلىپ كىرگۈزىمەن؛ يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىن ئۇلارنى پاتقۇزالماي قالىدۇ.
11شۇنداق قىلىپ، ئۇ جەبىر‫‪‎-‎‬‬جاپا دېڭىزىدىن ئۆتۈپ، دېڭىزدىكى دولقۇنلارنى ئۇرىدۇ؛ نىل دەرياسىنىڭ تەگلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ؛ ئاسۇرىيەنىڭ مەغرۇرلۇقى ۋە پەخرى پەس قىلىنىدۇ، مىسىردىكى شاھانە ھاسىمۇ يوقىلىدۇ.
12مەن ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئارقىلىق كۈچەيتىمەن؛ ئۇلار ئۇنىڭ نامىدا ماڭىدۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار.