Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەكەرىيا

زەكەرىيا 5

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئاندىن مەن يەنە بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا بىر ئۇچار ئورام يازمىنى كۆردۈم.
2ئۇ مەندىن‫‪:‬‬ «نېمىنى كۆردۈڭ؟» دەپ سورىدى. مەن‫‪:‬‬ «بىر ئۇچار ئورام يازمىنى كۆردۈم؛ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، كەڭلىكى ئون گەز ئىكەن» ــ دېدىم.
3ئۇ ماڭا‫‪:‬‬ «بۇ بولسا پۈتۈن زېمىن ئۈستىگە چىقىرىلغان لەنەتتۇر؛ چۈنكى ھەربىر ئوغرىلىق قىلغۇچى بۇ تەرىپىگە يېزىلغىنى بويىچە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ ۋە قەسەم ئىچكۈچىلەرنىڭ ھەربىرى ئۇ تەرىپىگە يېزىلغىنى بويىچە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ».
4ــ «مەن بۇ يازمىنى چىقىرىمەن» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، «ۋە ئۇ ئوغرىنىڭ ئۆيىگە ھەمدە نامىم بىلەن يالغاندىن قەسەم ئىچكۈچىنىڭ ئۆيىگە كىرىدۇ ۋە شۇ ئۆيدە قونۇپ ئۇنى ياغاچ‫‪‎-‎‬‬تاشلىرى بىلەن قوشۇپلا يەۋېتىدۇ».
5ئاندىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە چىقىپ ماڭا‫‪:‬‬ «ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرگىن، نېمىنىڭ چىقىۋاتقىنىنى كۆرۈپ باق» ــ دېدى.
6مەن‫‪:‬‬ «ئۇ نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا‫‪:‬‬ «بۇ چىقىۋاتقان «ئەفاھ» سېۋىتىدۇر»، ۋە‫‪:‬‬ «بۇ بولسا شۇ رەزىللەرنىڭ پۈتۈن زېمىندىكى قىياپىتىدۇر» ــ دېدى.
7ئەفاھ سېۋىتىنىڭ ئاغزىدىن دۇمىلاق بىر قوغۇشۇن كۆتۈرۈلدى، مانا، ئەفاھ سېۋىتى ئىچىدە بىر ئايال ئولتۇراتتى.
8ئۇ‫‪:‬‬ «بۇ بولسا، رەزىللىك»تۇر» ــ دەپ، ئۇنى ئەفاھ سېۋىتى ئىچىگە قايتۇرۇپ تاشلاپ، ئەفاھنىڭ ئاغزىغا ئېغىر قوغۇشۇننى تاشلاپ قويدى.
9بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا ئىككى ئايالنىڭ چىققانلىقىنى كۆردۈم؛ شامال ئۇلارنىڭ قاناتلىرىنى يەلپۈتۈپ تۇراتتى (ئۇلارنىڭ لەيلەكنىڭكىدەك قاناتلىرى بار ئىدى)؛ ئۇلار ئەفاھنى ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئوتتۇرىسىغا كۆتۈردى.
10مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن‫‪:‬‬ «ئۇلار ئەفاھنى نەگە كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ؟» ــ دەپ سورىدىم.
11ئۇ ماڭا‫‪:‬‬ ئۇلار ئەفاھ ئۈچۈن «شىنار زېمىنى»دا بىر ئۆي سېلىشقا كەتتى؛ ئۆي بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن، ئەفاھ سېۋىتى شۇ يەردە ئۆز تۇرالغۇسىغا قويۇلىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بەردى.