16سىلەرگىمۇ، ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغىمۇ ئوخشاش بىر قانۇن-بەلگىلىمە، ئوخشاش بىر ھۆكۈم بولسۇن.
17پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
18سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: — «سىلەر مەن سىلەرنى ئەكىرىدىغان زېمىنغا يېتىپ بارغاندا،
19شۇ يەردىن چىققان ئاشلىقنى يەيدىغان چېغىڭلاردا، پەرۋەردىگارغا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە» تەقدىم قىلىڭلار.
20سىلەر ھەربىر يېڭى خېمىردىن پىشقان نانلاردىن بىرىنى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ تەقدىم قىلىڭلار؛ سىلەر ئۇنى تەقدىم قىلغاندا خۇددى خاماننىڭ «كۆتۈرمە ھەدىيە»سىگە ئوخشاش بولسۇن.
21دەۋردىن-دەۋرگە سىلەر دەسلەپكى ھوسۇلدىن چىققان خېمىردىن بىر ناننى «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا سۇنۇڭلار.
22ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلار بىلمەي ئېزىپ گۇناھ قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغان بۇ بارلىق ئەمىرلىرىگە ئەمەل قىلمىغان بولساڭلار،