26ئۇلار كېلىپ، پاران چۆللۈكىدىكى قادەشتە مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلار ئىككىيلەنگە ھەم پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە مەلۇمات بەردى ھەم زېمىننىڭ مېۋىلىرىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى.
27ئۇلار مۇساغا مەلۇمات بېرىپ: — بىز ئۆزلىرى بېرىڭلار دېگەن يەرلەرگە باردۇق، راستتىنلا سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان يەر ئىكەن، مانا بۇلار شۇ يەرنىڭ مېۋىلىرى.
28بىراق ئۇ يەردىكىلەر بەك كۈچتۈڭگۈر ئىكەن، شەھەرلەر سېپىللىق بولۇپ ھەم پۇختا-ھەيۋەتلىك ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز ئۇ يەردە ئاناقىيلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ كۆردۇق.
29ئامالەكلەر جەنۇب تەرەپتە تۇرىدىكەن؛ ھىتتىيلار، يەبۇسىيلار، ئامورىيلار تاغلاردا تۇرىدىكەن؛ قانائانىيلار دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئىئوردان دەرياسى بويلىرىدا تۇرىدىكەن، — دېدى.
30كالەب مۇسانىڭ ئالدىدا كۆپچىلىكنى تىنچىتىپ: — بىز دەرھال ئاتلىنىپ بېرىپ ئۇ يەرنى ئىگىلەيلى! چۈنكى بىز چوقۇم غالىپ كېلىمىز — دېدى.