17مۇسا ئۇلارنى چارلاپ كېلىشكە قانائانغا سەپەرۋەر قىلىپ: — سىلەر مۇشۇ يەردىن نەگەۋ چۆلى تەرەپكە قاراپ مېڭىڭلار، ئاندىن تاغلىق رايونغا چىقىڭلار.
18ئۇ يەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردىكىلەرنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى، ئاز ياكى كۆپلۈكىنى كۆرۈپ بېقىڭلار؛
19ئۇلار تۇرۇۋاتقان يەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ياخشى-يامانلىقىنى كۆرۈڭلار؛ ئۇلار تۇرۇۋاتقان شەھەرلەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، بارگاھلىق شەھەر ياكى سېپىل-قەلئەلىك شەھەر ئىكەنلىكىنى؛
20ئۇ يەرنىڭ مۇنبەت ياكى مۇنبەتسىز ئىكەنلىكىنى، دەل-دەرەخلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى كۆرۈپ كېلىڭلار. يۈرەكلىكرەك بولۇپ، مېۋە-چىۋىلىرىدىن ئالغاچ كېلىڭلار، — دېدى. بۇ چاغ دەل ئۈزۈم پىشىپ قالغان ۋاقىت ئىدى.
21ئۇلار شۇ تەرەپلەرگە چىقىپ، زېمىننى زىن چۆلىدىن تارتىپ تاكى ھامات ئېغىزىنىڭ يېنىدىكى رەھوبقىچە بېرىپ چارلاشتى.