29ئۇ ئاسمانلارنى بىنا قىلىۋاتقىنىدا، دېڭىز يۈزىگە ئۇپۇق سىزىقىنى سىزىۋاتقىنىدا، ئەرشتە بۇلۇتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر دېڭىزدىكى بۇلاق-مەنبەلەرنى مۇستەھكەملەۋاتقىنىدا، دېڭىز سۇلىرىنى بېكىتكەن دائىرىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن دەپ پەرمان چۈشۈرىۋاتقىنىدا، بىپايان زېمىننىڭ ئۇللىرىنى قۇرۇۋاتقىنىدا، مەن ئۇ يەردە ئىدىم؛
30شۇ چاغدا گويا ئۇستا بىر ھۈنەرۋەندەك ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغانىدىم، مەن ھەردائىم ئۇنىڭ ئالدىدا شادلىناتتىم، مەن ئۇنىڭ كۈندىلىك دىلئارامى ئىدىم؛
31مەن ئۇنىڭ ئالىمىدىن، يەر-زېمىنىدىن شادلىنىپ، دۇنيادىكى ئىنسانلاردىن خۇرسەنلىك تېپىپ يۈرەتتىم،