Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 5

پەند-نەسىھەتلەر 5:9-15

Help us?
Click on verse(s) to share them!
9بولمىسا، ئىززەت‫‪‎-‎‬‬ئابرۇيۇڭنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويىسەن، ياشلىق يىللىرىڭنى رەھىمسىزلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىسەن!
10يات ئادەملەر بايلىقلىرىڭ بىلەن ئۆزىنى تولدۇرىدۇ، جاپالىق ئەجىرلىرىڭنىڭ مېۋىسى ياقا يۇرتلۇقنىڭ ئۆيىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ؛
11ئەجىلىڭدە نالە‫‪‎-‎‬‬پەرياد كۆتۈرگىنىڭدە، ئەزايى‫‪‎-‎‬‬بەدىنىڭ يەم بولغاندا،
12شۇ چاغدا سەن‫‪:‬‬ ــ «ئاھ، نەسىھەتلەردىن نېمانچە نەپرەتلەنگەندىمەن! كۆڭلۈمدە تەنبىھلەرنى نېمانچە كەمسىتكەندىمەن!
13نېمىشقا ئۇستازلىرىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندىمەن؟ ماڭا تەربىيە بەرگەنلەرگە قۇلاق سالمىغاندىمەن؟
14جەمئىيەتتىمۇ، جامائەت ئالدىدىمۇ ھەرخىل نومۇسقا قالغاندەك بولدۇم!» ــ دەپ قالىسەن.
15ئۆزۈڭنىڭ كۆلچىكىڭدىكى سۇنى ئىچكىن، ئۆز بۇلىقىڭدىن ئېقىۋاتقان سۇدىن ھۇزۇرلان.

Read پەند-نەسىھەتلەر 5پەند-نەسىھەتلەر 5
Compare پەند-نەسىھەتلەر 5:9-15پەند-نەسىھەتلەر 5:9-15