7شۇڭا، ئى ئوغۇللىرىم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار، مېنىڭ دېگەنلىرىمدىن چىقماڭلار.
8ئۇنداق خوتۇندىن يىراق قاچ! ئىشىكى ئالدىغىمۇ يېقىن يولىما!
9بولمىسا، ئىززەت-ئابرۇيۇڭنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويىسەن، ياشلىق يىللىرىڭنى رەھىمسىزلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىسەن!
10يات ئادەملەر بايلىقلىرىڭ بىلەن ئۆزىنى تولدۇرىدۇ، جاپالىق ئەجىرلىرىڭنىڭ مېۋىسى ياقا يۇرتلۇقنىڭ ئۆيىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ؛
11ئەجىلىڭدە نالە-پەرياد كۆتۈرگىنىڭدە، ئەزايى-بەدىنىڭ يەم بولغاندا،
12شۇ چاغدا سەن: ــ «ئاھ، نەسىھەتلەردىن نېمانچە نەپرەتلەنگەندىمەن! كۆڭلۈمدە تەنبىھلەرنى نېمانچە كەمسىتكەندىمەن!
13نېمىشقا ئۇستازلىرىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندىمەن؟ ماڭا تەربىيە بەرگەنلەرگە قۇلاق سالمىغاندىمەن؟
14جەمئىيەتتىمۇ، جامائەت ئالدىدىمۇ ھەرخىل نومۇسقا قالغاندەك بولدۇم!» ــ دەپ قالىسەن.
15ئۆزۈڭنىڭ كۆلچىكىڭدىكى سۇنى ئىچكىن، ئۆز بۇلىقىڭدىن ئېقىۋاتقان سۇدىن ھۇزۇرلان.