12شۇ چاغدا سەن: ــ «ئاھ، نەسىھەتلەردىن نېمانچە نەپرەتلەنگەندىمەن! كۆڭلۈمدە تەنبىھلەرنى نېمانچە كەمسىتكەندىمەن!
13نېمىشقا ئۇستازلىرىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندىمەن؟ ماڭا تەربىيە بەرگەنلەرگە قۇلاق سالمىغاندىمەن؟
14جەمئىيەتتىمۇ، جامائەت ئالدىدىمۇ ھەرخىل نومۇسقا قالغاندەك بولدۇم!» ــ دەپ قالىسەن.
15ئۆزۈڭنىڭ كۆلچىكىڭدىكى سۇنى ئىچكىن، ئۆز بۇلىقىڭدىن ئېقىۋاتقان سۇدىن ھۇزۇرلان.
16بۇلاقلىرىڭ ئۇرغۇپ ھەر يەرگە تارقىلىپ كەتسە بولامدۇ؟ ئېرىقلىرىڭدىكى سۇلار كوچىلاردا ئېقىپ يۈرسە بولامدۇ؟