7ئۆزۈڭنى ئەقىللىق سانىما؛ پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىقتىن يىراق بول.
8شۇنداق قىلغىنىڭدا، بۇ ئىشلار دەردىڭگە دەرمان، ئۇستىخانلىرىڭغا يىلىك بولىدۇ.
9پەرۋەردىگارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ مال-دۇنيايىڭدىن ھەدىيەلەرنى سۇنغىن، ئېتىزىڭدىن تۇنجى چىققان مەھسۇلاتلىرىڭدىن ئۇنىڭغا ئاتىغىن؛
10شۇنداق قىلغىنىڭدا، ئامبارلىرىڭ ئاشلىققا تولۇپ تاشىدۇ، شاراب كۆلچەكلىرىڭدە يېڭى شاراب ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدۇ.
11ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە بىپەرۋالىق قىلما، ئۇنىڭ تەنبىھىدىن بەزمە.