33پەرۋەردىگارنىڭ لەنىتى رەزىللىك قىلغۇچىنىڭ ئۆيىدىدۇر، لېكىن ئۇ ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۆيىگە بەخت ئاتا قىلۇر.
34بەرھەق، مەسخىرە قىلغۇچىلارنى ئۇ مەسخىرە قىلىدۇ، لېكىن كىچىك پېئىل كىشىلەرگە شەپقەت كۆرسىتىدۇ.
35دانالار شۆھرەتكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، لېكىن ھاماقەتلەر رەسۋا قىلىنىدۇ.