15ئۇ لەئەل-ياقۇتلاردىن قىممەتلىكتۇر، ئىنتىزار بولغان ھەرقانداق نەرسەڭدىن ھېچبىرىمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كەلمەستۇر.
16دانالىقنىڭ ئوڭ قولىدا ئۇزۇن ئۆمۈر، سول قولىدا بايلىق ۋە شۆھرەت باردۇر.
17ئۇنىڭ يوللىرى ساڭا خۇش پۇراق تۇيۇلۇر، ئۇنىڭ بارلىق تەرىقىلىرى سېنى ئارام تاپقۇزۇر.
18ئۇ ئۆزىنى تاپقان ئادەمگە «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر، ئۇنى چىڭ تۇتقان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك!