11ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە بىپەرۋالىق قىلما، ئۇنىڭ تەنبىھىدىن بەزمە.
12چۈنكى، ئاتا ئەزىز كۆرگەن ئوغلىغا تەنبىھ-تەربىيە بەرگەندەك، پەرۋەردىگار كىمنى سۆيگەن بولسا ئۇنىڭغا تەنبىھ-تەربىيە بېرىدۇ.
13دانالىققا مۇيەسسەر بولغان كىشى، يورۇقلۇققا ئىگە بولغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە!