10א پەزىلەتلىك ئايالنى كىم تاپالايدۇ؟ ئۇنىڭ قىممىتى لەئەل-ياقۇتلاردىنمۇ زور ئېشىپ چۈشىدۇ.
11ב ئېرىنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭغا تايىنىپ خاتىرجەم تۇرىدۇ، ئۇ بولغاچقا ئېرىنىڭ ئالغان ئولجىسى كەم ئەمەستۇر!
12ג ئۇ ئۆمۈر بويى ئېرىگە ۋاپادار بولۇپ ياخشىلىق قىلىدۇ، ئۇنى زىيانغا ئۇچراتمايدۇ.
13ד ئۇ قوي يۇڭى ۋە كەندىر تېپىپ، ئۆز قولى بىلەن جان دەپ ئەجىر قىلىدۇ.