14ئۇنىڭ ئاجىزلار ۋە يوقسۇللارنى يالماپ يۇتۇۋېتىدىغان چىشلىرى قىلىچتەك، ئېزىق چىشلىرى پىچاقتەك بولغان بىر دەۋر بار!
15زۈلۈكنىڭ ئىككى قىزى بار، ئۇلار ھەردائىم: «بەرگىن، بەرگىن» دەپ توۋلىشار. ھەرگىز تويۇنمايدىغان ئۈچ نەرسە بار، ھەرگىز قانائەتلەنمەيدىغان تۆت نەرسە بار، ئۇلار بولسىمۇ: ــ
16گۆر، تۇغماس خوتۇننىڭ قارنى، سۇغا تويۇنمىغان قۇرغاق يەر، ۋە ھەرگىز «بولدى، تويدۇم» دېمەيدىغان ئوتتىن ئىبارەت.
17ئاتىسىنى مەسخىرە قىلىدىغان، ئانىسىنى كەمسىتىدىغان كۆزنى بولسا، قاغا-قۇزغۇنلار چوقۇلار، بۈركۈتنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنى يەر.
18مەن ئۈچۈن ئىنتايىن تىلسىمات ئۈچ نەرسە بار؛ شۇنداق، مەن چۈشىنەلمەيدىغان تۆت ئىش بار: ــ
19بۈركۈتنىڭ ئاسماندىكى ئۇچۇش يولى، يىلاننىڭ تاشتا بېغىرلاپ ماڭىدىغان يولى، كېمىنىڭ دېڭىزدىكى يولى ۋە يىگىتنىڭ قىزغا ئاشىق بولۇشتىكى يولىدۇر.
20زىناخور خوتۇننىڭ يولىمۇ شۇنداقتۇر؛ ئۇ بىرنېمىنى يەپ بولۇپ ئاغزىنى سۈرتىۋەتكەن كىشىدەك: «مەن ھېچقانداق يامانلىقنى قىلمىدىم!» ــ دەيدۇ.