13گاداي بىلەن ئۇنى ئەزگۈچى كىشى بىر زېمىندا ياشار؛ ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزىنى نۇرلاندۇرغۇچى پەرۋەردىگاردۇر.
14يوقسۇللارنى دىيانەت بىلەن سورىغان پادىشاھنىڭ بولسا، تەختى مەڭگۈگە مەھكەم تۇرار.
15تاياق بىلەن تەنبىھ-نەسىھەت بالىلارغا دانالىق يەتكۈزەر؛ بىراق ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلگەن بالا ئانىسىنى خىجالەتكە قالدۇرار.
16يامانلار گۈللىنىپ كەتسە، ناھەقلىك كۆپىيەر؛ لېكىن ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرەر.
17ئوغلۇڭنى تەربىيەلىسەڭ، ئۇ سېنى ئارام تاپقۇزار؛ ئۇ كۆڭلۈڭنى سۆيۈندۈرەر.
18پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسى بولمىغان ئەلنىڭ پۇقرالىرى يولدىن چىقىپ باشپاناھسىز قالار؛ لېكىن تەۋرات-قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان كىشى بەختلىكتۇر.
19قۇلنى سۆز بىلەنلا تۈزەتكىلى بولماس؛ ئۇ سۆزۈڭنى چۈشەنگەن بولسىمۇ، ئېتىبار قىلماس.
20ئاغزىنى باسالمايدىغان كىشىنى كۆرگەنمۇ؟ ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەندىن، ئەخمەقتىن ئۈمىد كۈتۈش ئەۋزەلدۇر.
21كىمكى ئۆز قۇلىنى كىچىكىدىن تارتىپ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرسە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بېشىغا چىقار.
22تېرىككەك كىشى جېدەل-ماجىرا قوزغاپ تۇرار؛ ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپتۇر.
23مەغرۇرلۇق كىشىنى پەس قىلار، بىراق كەمتەرلىك كىشىنى ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرەر.
24ئوغرى بىلەن شېرىك بولغان كىشى ئۆز جېنىغا دۈشمەندۇر؛ ئۇ سوراقچىنىڭ گۇۋاھ بېرىشكە ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن راست گەپ قىلىشقا پېتىنالماس.