7تەۋرات-قانۇنىغا ئىتائەت قىلغان يىگىت ئەقىللىق ئوغۇلدۇر؛ بىراق نان قېپىلارغا ھەمراھ بولغۇچى ئاتىسىنى نومۇسقا قالدۇرار.
8جازانىخورلۇق قىلىپ يۇقىرى ئۆسۈم ئارقىلىق بايلىقلار تاپقان كىشى، ئاخىرىدا بۇلارنى مىسكىنلەرگە خەيرىخاھلىق قىلغۇچىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن توپلىغاندۇر.
9كىمكى تەۋرات قانۇنىنى ئاڭلىمايمەن دەپ قۇلىقىنى يوپۇرسا، ھەتتا دۇئالىرىمۇ لەنىتى بولۇپ قالار.
10كىمكى دۇرۇسلارنى يامان يولغا ئازدۇرسا، ئۆزى كولىغان ئورىسىغا ئۆزى چۈشەر؛ بىراق پاك-دىيانەتلىك ئادەم ياخشىلىققا مىراسخور بولار.