Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 28

پەند-نەسىھەتلەر 28:4-14

Help us?
Click on verse(s) to share them!
4تەۋرات قانۇنىدىن ۋاز كەچكەنلەر يامانلارنى ياخشى دەپ ماختار؛ بىراق قانۇننى تۇتقۇچىلار ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلار.
5رەزىللەر ئادالەتنى چۈشەنمەس؛ بىراق پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەر ھەممە ئىشنى چۈشىنەر.
6پەزىلەتلىك يولدا ماڭغان مىسكىن كىشى، ساختا، ئىككى يۈزلىمە باي ئادەمدىن ياخشىدۇر.
7تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنىغا ئىتائەت قىلغان يىگىت ئەقىللىق ئوغۇلدۇر؛ بىراق نان قېپىلارغا ھەمراھ بولغۇچى ئاتىسىنى نومۇسقا قالدۇرار.
8جازانىخورلۇق قىلىپ يۇقىرى ئۆسۈم ئارقىلىق بايلىقلار تاپقان كىشى، ئاخىرىدا بۇلارنى مىسكىنلەرگە خەيرىخاھلىق قىلغۇچىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن توپلىغاندۇر.
9كىمكى تەۋرات قانۇنىنى ئاڭلىمايمەن دەپ قۇلىقىنى يوپۇرسا، ھەتتا دۇئالىرىمۇ لەنىتى بولۇپ قالار.
10كىمكى دۇرۇسلارنى يامان يولغا ئازدۇرسا، ئۆزى كولىغان ئورىسىغا ئۆزى چۈشەر؛ بىراق پاك‫‪‎-‎‬‬دىيانەتلىك ئادەم ياخشىلىققا مىراسخور بولار.
11باي دەرۋەقە ئۆزىنى دانا سانار؛ بىراق يورۇتۇلغان مىسكىن ئۇنى ھامان كۆرۈپ يېتەر.
12ھەققانىيلار غالىبىيەتلىك بولسا، جاھاننى تەنتەنە قاپلار؛ بىراق يامانلار مەرتىۋىگە چىقسا، خالايىق ئۆزلىرىنى قاچۇرار.
13ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان كىشى روناق تاپماس؛ بىراق ئۇلارنى تونۇپ ئىقرار قىلىپ، ئۇلاردىن ۋاز كەچكەن كىشى رەھىم‫‪‎-‎‬‬شەپقەتكە ئېرىشەر.
14پەرۋەردىگاردىن ھەردائىم قورقۇپ يۈرگەن كىشى شۇنچە بەختلىكتۇر! بىراق كۆڭلىنى تاش قىلغان بالايىئاپەتكە قالار.

Read پەند-نەسىھەتلەر 28پەند-نەسىھەتلەر 28
Compare پەند-نەسىھەتلەر 28:4-14پەند-نەسىھەتلەر 28:4-14