Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 28

پەند-نەسىھەتلەر 28:14-28

Help us?
Click on verse(s) to share them!
14پەرۋەردىگاردىن ھەردائىم قورقۇپ يۈرگەن كىشى شۇنچە بەختلىكتۇر! بىراق كۆڭلىنى تاش قىلغان بالايىئاپەتكە قالار.
15ھۆركىرەپ تۇرغان شىر، ياكى ئوۋنى ئىزدەپ كېزىۋاتقان ئېيىق قانداق بولسا، يوقسۇل پۇقرالارنىڭ ئۈستىدىكى رەزىل ھاكىممۇ شۇنداقتۇر.
16يورۇتۇلمىغان ئەمىر ھامان زور بىر زالىم بولۇپ چىقار، بىراق ھارام بايلىقلارغا نەپرەتلەنسە، تەختىدە ئۇزۇن ئولتۇرار.
17قان تۆككەن كىشى قەرز بىلەن ھاڭغا قاراپ يۈگۈرەر؛ ئۇنى ھېچكىم توسمىسۇن!
18سەمىمىي، دىيانەتلىك يولدا ماڭغان قۇتۇلار؛ ئىككى يولدا ماڭغان ساختا كىشى ئۇلارنىڭ بىرىدە ھامان يىقىلىپ چۈشەر.
19ئۆز يېرىگە تىرىشىپ ئىشلىگەن دېھقاننىڭ نېنى يېتىپ ئاشار؛ بىراق بىكار يۈرۈپ خام خىياللارنى قوغلىغان كىشىنىڭ يوقسۇللۇقى مول بولار!
20راستچىل كىشىنىڭ بەختى كۆپىيەر؛ بىراق باي بولۇشقا ئالدىرىغان كىشى جازادىن قېچىپ قۇتۇلالماس.
21بىرىگە يان بېسىش قەتئىي بولماس؛ چۈنكى بەزىلەر ھەتتا بىر بۇردا نان ئۈچۈنمۇ گۇناھ ئۆتكۈزەر.  
22نەپسى تويماس كىشى بايلىقلارنى كۆزلەپ ئالدىرايدۇ، ئۇ نامراتلىقنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشىدىغىنىدىن بىخەۋەردۇر.
23باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ئوچۇق ئەيىبلىگەن كىشى، ھامان خۇشامەت قىلغۇچىغا قارىغاندا كۆپرەك ئىلتىپات تاپار.
24ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانىسىنىڭ تەئەللۇقاتىنى ئوغرىلاپ، «بۇ ھېچقانداق گۇناھ ئەمەس» دېگەن كىشى، ھالاك قىلغۇچىنىڭ شېرىكىدۇر.
25نەپسى تويمىغۇر كىشى جېدەل‫‪‎-‎‬‬ماجىرا تېرىيدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگارغا تايانغان كىشى ئەتلىنەر.  
26ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە ئىشەنگەن كىشى ئەخمەقتۇر؛ بىراق دانالىق بىلەن ماڭغان نىجات تاپار.
27نامراتلارغا خەيرخاھلىق قىلىدىغان كىشى موھتاجلىق تارتماس؛ لېكىن ھاجەتمەننى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالغان كىشى كۆپلىگەن قارغىشقا ئۇچرار.
28يامانلار مەرتىۋىگە چىقسا، خالايىق ئۆزلىرىنى قاچۇرار؛ لېكىن ئۇلار زاۋال تاپسا، ھەققانىيلار راۋاج تاپار.

Read پەند-نەسىھەتلەر 28پەند-نەسىھەتلەر 28
Compare پەند-نەسىھەتلەر 28:14-28پەند-نەسىھەتلەر 28:14-28