13ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان كىشى روناق تاپماس؛ بىراق ئۇلارنى تونۇپ ئىقرار قىلىپ، ئۇلاردىن ۋاز كەچكەن كىشى رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر.
14پەرۋەردىگاردىن ھەردائىم قورقۇپ يۈرگەن كىشى شۇنچە بەختلىكتۇر! بىراق كۆڭلىنى تاش قىلغان بالايىئاپەتكە قالار.
15ھۆركىرەپ تۇرغان شىر، ياكى ئوۋنى ئىزدەپ كېزىۋاتقان ئېيىق قانداق بولسا، يوقسۇل پۇقرالارنىڭ ئۈستىدىكى رەزىل ھاكىممۇ شۇنداقتۇر.
16يورۇتۇلمىغان ئەمىر ھامان زور بىر زالىم بولۇپ چىقار، بىراق ھارام بايلىقلارغا نەپرەتلەنسە، تەختىدە ئۇزۇن ئولتۇرار.
17قان تۆككەن كىشى قەرز بىلەن ھاڭغا قاراپ يۈگۈرەر؛ ئۇنى ھېچكىم توسمىسۇن!
18سەمىمىي، دىيانەتلىك يولدا ماڭغان قۇتۇلار؛ ئىككى يولدا ماڭغان ساختا كىشى ئۇلارنىڭ بىرىدە ھامان يىقىلىپ چۈشەر.
19ئۆز يېرىگە تىرىشىپ ئىشلىگەن دېھقاننىڭ نېنى يېتىپ ئاشار؛ بىراق بىكار يۈرۈپ خام خىياللارنى قوغلىغان كىشىنىڭ يوقسۇللۇقى مول بولار!
20راستچىل كىشىنىڭ بەختى كۆپىيەر؛ بىراق باي بولۇشقا ئالدىرىغان كىشى جازادىن قېچىپ قۇتۇلالماس.
21بىرىگە يان بېسىش قەتئىي بولماس؛ چۈنكى بەزىلەر ھەتتا بىر بۇردا نان ئۈچۈنمۇ گۇناھ ئۆتكۈزەر.