11باي دەرۋەقە ئۆزىنى دانا سانار؛ بىراق يورۇتۇلغان مىسكىن ئۇنى ھامان كۆرۈپ يېتەر.
12ھەققانىيلار غالىبىيەتلىك بولسا، جاھاننى تەنتەنە قاپلار؛ بىراق يامانلار مەرتىۋىگە چىقسا، خالايىق ئۆزلىرىنى قاچۇرار.
13ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان كىشى روناق تاپماس؛ بىراق ئۇلارنى تونۇپ ئىقرار قىلىپ، ئۇلاردىن ۋاز كەچكەن كىشى رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر.
14پەرۋەردىگاردىن ھەردائىم قورقۇپ يۈرگەن كىشى شۇنچە بەختلىكتۇر! بىراق كۆڭلىنى تاش قىلغان بالايىئاپەتكە قالار.
15ھۆركىرەپ تۇرغان شىر، ياكى ئوۋنى ئىزدەپ كېزىۋاتقان ئېيىق قانداق بولسا، يوقسۇل پۇقرالارنىڭ ئۈستىدىكى رەزىل ھاكىممۇ شۇنداقتۇر.