5ئەخمەقنىڭ ئەخمىقانە گېپى بويىچە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرگىن، جاۋاب بەرمىسەڭ ئۇ ئۆزىنىڭ ئەخمەقلىقىنى ئەقىللىق دەپ چاغلار.
6ئۆز پۇتىنى كېسىۋەتكەندەك، ئۆز بېشىغا زۇلمەت تىلىگەندەك، ئەخمەقتىن خەۋەر يوللاشمۇ شۇنداق بىر ئىشتۇر.
7توكۇرنىڭ كارغا كەلمىگەن پۇتلىرىدەك، ئەخمەقنىڭ ئاغزىغا سېلىنغان پەند-نەسىھەتمۇ بىكار بولۇر.
8سالغىغا تاشنى باغلاپ ئاتقاندەك، ئەخمەققە ھۆرمەت بىلدۈرۈشمۇ ئەخمىقانە ئىشتۇر.
9ئەخمەقنىڭ ئاغزىغا سېلىنغان پەند-نەسىھەت، مەستنىڭ قولىغا سانجىلغان تىكەندەكتۇر.
10ئۆز يېقىنلىرىنى قارىسىغا زەخىملەندۈرگەن ئوقياچىدەك، ئەخمەقنى ياكى ئۇدۇل كەلگەن ئادەمنى ياللاپ ئىشلەتكەن خوجايىنمۇ ئوخشاشلا زەخىملەندۈرگۈچىدۇر.
11ئىت ئايلىنىپ كېلىپ ئۆز قۇسۇقىنى يالىغاندەك، ئەخمەق ئەخمەقلىقىنى قايتىلار.