7ئورنۇڭنى ئۆزۈڭدىن يۇقىرى جانابقا بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا پەگاھقا چۈشۈرۈلگىنىڭدىن كۆرە، ئۆزگىلەرنىڭ سېنى تۆرگە تەكلىپ قىلغىنى ياخشىدۇر.
8ئالدىراپ دەۋاغا بارمىغىن، مۇبادا بېرىپ، يېقىنىڭ ئۈستۈن چىقىپ سېنى لەت قىلسا، قانداق قىلىسەن؟
9يېقىنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشسەڭ، باشقىلارنىڭ سىرىنى ئاچما.
10بولمىسا، بۇنى بىلگۈچىلەر سېنى ئەيىبلەيدۇ، سېسىق نامدىن قۇتۇلالمايسەن.
11ۋاقتى-جايىدا قىلىنغان سۆز، كۈمۈش رامكىلارغا تىزىلغان ئالتۇن ئالمىلاردۇر.