13خۇددى ئورما ۋاقتىدىكى تومۇزدا ئىچكەن قار سۈيىدەك، ئىشەنچلىك ئەلچى ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىلەرگە شۇنداق بولار؛ ئۇ خوجايىنلىرىنىڭ كۆكسى-قارنىنى ياشارتار.
14يامغۇرى يوق بۇلۇت-شامال، يالغان سوۋغاتنى ۋەدە قىلىپ ماختانغۇچىغا ئوخشاشتۇر.
15ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلىنسا، ھۆكۈمدارمۇ قايىل قىلىنار، يۇمشاق تىل سۆڭەكلەردىنمۇ ئۆتەر.