9ئەخمەقلىكتىن بولغان نىيەت گۇناھدۇر؛ ھاكاۋۇر كىشى ئادەملەرگە يىرگىنچلىكتۇر.
10بېشىڭغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە جاسارەتسىز بولساڭ، كۈچسىز ھېسابلىنىسەن.
11سەۋەبسىز ئۆلۈمگە تارتىلغانلارنى قۇتقۇزغىن؛ بوغۇزلىنىش خەۋپىدە تۇرغانلاردىن ياردەم قولۇڭنى تارتما؛
12ئەگەر سەن: «بۇ ئىشتىن خەۋىرىمىز يوقتۇر» دېسەڭ، ھەر ئادەمنىڭ كۆڭلىنى تارازىغا سالغۇچى بۇنى كۆرمەسمۇ؟ جېنىڭنى ھايات ساقلىغۇچى ئۇنى بىلمەسمۇ؟ ئۇ ھەربىر ئىنسان بالسىنىڭ ئۆز قىلغانلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ياندۇرماسمۇ؟
13ئى ئوغلۇم، ھەسەل تاپساڭ ئىستىمال قىل، ئۇ ياخشىدۇر. ھەرە كۆنىكىدىن ئالغان ھەسەل بولسا تاتلىق تېتىيدۇ؛
14دانالىق بىلەن تونۇشساڭ، ئۇمۇ كۆڭلۈڭگە شۇنىڭدەك بولار؛ ئۇنى تاپقىنىڭدا جەزمەن ياخشى كۆرىدىغان كۈنۈڭ بولىدۇ، ئارزۇ-ئۈمىدىڭ بىكارغا كەتمەس.