Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 24

پەند-نەسىھەتلەر 24:14-24

Help us?
Click on verse(s) to share them!
14دانالىق بىلەن تونۇشساڭ، ئۇمۇ كۆڭلۈڭگە شۇنىڭدەك بولار؛ ئۇنى تاپقىنىڭدا جەزمەن ياخشى كۆرىدىغان كۈنۈڭ بولىدۇ، ئارزۇ‫‪‎-‎‬‬ئۈمىدىڭ بىكارغا كەتمەس.
15ئى رەزىل ئادەم، ھەققانىينىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىشنى كۈتمە، ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنى بۇلىغۇچى بولما!
16چۈنكى ھەققانىي يەتتە قېتىم يىقىلىپ چۈشەر، بىراق ئاخىرى يەنە ئورنىدىن تۇرار. لېكىن رەزىل كىشى كۈلپەت ئىچىگە پۇتلىشىپ چۈشەر.
17رەقىبىڭ يىقىلىپ كەتسە خۇش بولۇپ كەتمە، دۈشمىنىڭ پۇتلىشىپ چۈشسە شادلانما؛
18پەرۋەردىگار بۇنى كۆرگەندە، بۇ قىلىقىڭنى ياخشى كۆرمەي، بەلكىم غەزىپىنى رەقىبىڭگە چۈشۈرمەسلىكى مۇمكىن.
19يامانلار راۋاج تاپسا، بىئارام بولۇپ كەتمە؛ رەزىللەرگە رەشك قىلما.
20چۈنكى يامانلارنىڭ كېلەچىكى يوقتۇر، ئۇنىڭ چىرىغىمۇ ئۆچۈرۈلەر.
21ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگاردىن قورققىن، پادىشاھنىمۇ ھۆرمەت قىل. قۇتراتقۇچىلار بىلەن ئارىلاشما.
22بۇنداق كىشىلەرگە كېلىدىغان بالايىئاپەت ئۇشتۇمتۇت بولار، پەرۋەردىگار بىلەن پادىشاھنىڭ ئۇلارنى قانداق يوقىتىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟
23بۇلارمۇ ئاقىلانىلەرنىڭ سۆزلىرىدۇر‫‪:‬‬ ــ سوت قىلغاندا بىر تەرەپكە يان بېسىش قەتئىي بولماس.   
24جىنايەتچىگە‫‪:‬‬ «ئەيىبسىز سەن» دەپ ھۆكۈم چىقارغان كىشىگە، خەلقلەر لەنەت ئېيتار؛ ئەل‫‪‎-‎‬‬يۇرتلار ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنەر.

Read پەند-نەسىھەتلەر 24پەند-نەسىھەتلەر 24
Compare پەند-نەسىھەتلەر 24:14-24پەند-نەسىھەتلەر 24:14-24