Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 23

پەند-نەسىھەتلەر 23:5-21

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5بايلىقلارغا كۆز تىكىشىڭ بىلەنلا، ئۇلار يوق بولىدۇ؛ پۇل‫‪‎-‎‬‬مال دەرۋەقە ئۆزىگە قانات ياساپ، خۇددى بۈركۈتتەك ئاسمانغا ئۇچۇپ كېتەر.
6ئاچ كۆزنىڭ نېنىنى يېمە، ئۇنىڭ ئېسىل نازۇنېمەتلىرىنى تاما قىلما؛
7چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلى قانداق بولغاندەك، ئۆزىمۇ شۇنداق. ئۇ ئاغزىدا‫‪:‬‬ ــ قېنى، ئالسىلا، ئىچسىلە! ــ دېسىمۇ، بىراق كۆڭلىدە سېنى ئويلىغىنى يوق.
8يېگەن بىر يۇتۇم تائامنىمۇ قۇسۇۋېتىسەن، ئۇنىڭغا قىلغان چىرايلىق سۆزلىرىڭمۇ بىكارغا كەتكەن بولىدۇ.
9ئەخمەققە يول كۆرسىتىپ سالما، چۈنكى ئۇ ئەقىل سۆزلىرىڭنى كۆزگە ئىلماس.
10قەدىمدە بېكىتكەن يەرنىڭ پاسىل تاشلىرىنى يۆتكىمە، يېتىملارنىڭ ئېتىزلىرىغىمۇ ئاياغ باسما؛
11چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەمجەمەت‫‪‎-‎‬‬قۇتقۇزغۇچىسى ئىنتايىن كۈچلۈكتۇر؛ ئۇ ئۆزى ئۇلار ئۈچۈن ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلار.
12نەسىھەتكە كۆڭۈل قوي، ئىلىم‫‪‎-‎‬‬بىلىملەرگە قۇلاق سال.
13بالاڭغا تەربىيە بېرىشتىن ئېرىنمە؛ ئەگەر تاياق بىلەن ئۇرساڭ، ئۇ ئۆلۈپ كەتمەيدۇ؛
14سەن ئۇنى تاياق بىلەن ئۇرساڭ، بەلكىم ئۇنى تەھتىسارادىن قۇتقۇزىۋالىسەن.
15ئى ئوغلۇم، دانا بولساڭ، مېنىڭ قەلبىم قانچە خۇش بولار ئىدى!
16ئاغزىڭدا ئورۇنلۇق سۆزلەر بولسا، ئىچ‫‪‎-‎‬‬ئىچىمدىن شادلىنىمەن.
17گۇناھ سادىر قىلغۇچىلارغا رەشك قىلما، ھەردائىم پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشتە تۇرغىن؛
18شۇنداق قىلغىنىڭدا جەزمەن كۆرىدىغان ياخشى كۈنۈڭ بولىدۇ، ئارزۇ‫‪‎-‎‬‬ئۈمىدىڭ بىكارغا كەتمەس.
19ئى ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ دانا بول، قەلبىڭنى خۇدانىڭ يولىغا باشلىغىن.
20مەيخورلارغا ئارىلاشما، نەپسى يامان گۆشخورلار بىلەن باردى‫‪‎-‎‬‬كەلدى قىلما؛
21چۈنكى ھاراقكەش بىلەن نەپسى يامان ئاخىرىدا يوقسۇللۇقتا قالار، غەپلەت ئۇيقۇسىغا پاتقانلارغا جەندە كىيىمنى كىيگۈزەر.

Read پەند-نەسىھەتلەر 23پەند-نەسىھەتلەر 23
Compare پەند-نەسىھەتلەر 23:5-21پەند-نەسىھەتلەر 23:5-21