Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 23

پەند-نەسىھەتلەر 23:28-35

Help us?
Click on verse(s) to share them!
28ئۇلار قاراقچىدەك مۆكۈۋېلىپ، ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى ۋاپاسىزلارنى كۆپەيتەر.
29كىمدە ئازاب بار؟ كىمدە دەرد‫‪‎-‎‬‬ئەلەم؟ كىم جېدەل ئىچىدە قالار؟ كىم نالە‫‪‎-‎‬‬پەرياد كۆتۈرەر؟ كىم سەۋەبسىز يارىلىنار؟ كىمنىڭ كۆزى قىزىرىپ كېتەر؟
30دەل شاراب ئۈستىدە ئۇزۇن ئولتۇرغان، ئەبجەش شارابتىن تېتىشقا ئالدىرىغان مەيخورلار!
31شارابنىڭ ئاجايىب قىزىللىقىغا، ئۇنىڭ جامدىكى جۇلالىقىغا، كىشىنىڭ گېلىدىن شۇنداق سىلىق ئۆتكەنلىكىگە مەپتۇن بولۇپ قالما!
32ئاخىرىدا ئۇ زەھەرلىك يىلاندەك چېقىۋالىدۇ، ئوق يىلاندەك نەشتىرىنى سانجىيدۇ.
33كۆز ئالدىڭدا غەلىتە مەنزىرىلەر كۆرۈنىدۇ، ئاغزىڭدىن قالايمىقان سۆزلەر چىقىدۇ.
34خۇددى دېڭىز‫‪‎-‎‬‬ئوكيانلاردا لەيلەپ قالغاندەك، يەلكەنلىك كېمىنىڭ موما ياغىچى ئۈستىدە ياتقاندەك بولىسەن.
35سەن چوقۇم‫‪:‬‬ ــ بىرسى مېنى ئۇردى، لېكىن مەن يارىلانمىدىم! بىرسى مېنى تاياق بىلەن ئۇردى، بىراق ئاغرىقىنى سەزمىدىم!» ــ دەيسەن. بىراق سەن يەنە‫‪:‬‬ «ھوشۇمغا كەلسەملا، مەن يەنىلا شارابنى ئىزدەيمەن! ــ دەيسەن.

Read پەند-نەسىھەتلەر 23پەند-نەسىھەتلەر 23
Compare پەند-نەسىھەتلەر 23:28-35پەند-نەسىھەتلەر 23:28-35