2ئىشتىيىڭ يامان بولسا، گېلىڭغا پىچاق تەڭلەپ تۇرغاندەك ئۆزۈڭنى تارت.
3ئۇنىڭ نازۇنېمەتلىرىنى تاما قىلما، ئۇلار ئادەم ئالدايدىغان تاماقلاردۇر.
4باي بولىمەن دەپ ئۆزۈڭنى ئۇپراتما؛ ئۆزۈڭنىڭ زېھنىڭنى بۇ ئىشقا قاراتما.
5بايلىقلارغا كۆز تىكىشىڭ بىلەنلا، ئۇلار يوق بولىدۇ؛ پۇل-مال دەرۋەقە ئۆزىگە قانات ياساپ، خۇددى بۈركۈتتەك ئاسمانغا ئۇچۇپ كېتەر.
6ئاچ كۆزنىڭ نېنىنى يېمە، ئۇنىڭ ئېسىل نازۇنېمەتلىرىنى تاما قىلما؛
7چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلى قانداق بولغاندەك، ئۆزىمۇ شۇنداق. ئۇ ئاغزىدا: ــ قېنى، ئالسىلا، ئىچسىلە! ــ دېسىمۇ، بىراق كۆڭلىدە سېنى ئويلىغىنى يوق.
8يېگەن بىر يۇتۇم تائامنىمۇ قۇسۇۋېتىسەن، ئۇنىڭغا قىلغان چىرايلىق سۆزلىرىڭمۇ بىكارغا كەتكەن بولىدۇ.