Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 23

پەند-نەسىھەتلەر 23:18-33

Help us?
Click on verse(s) to share them!
18شۇنداق قىلغىنىڭدا جەزمەن كۆرىدىغان ياخشى كۈنۈڭ بولىدۇ، ئارزۇ‫‪‎-‎‬‬ئۈمىدىڭ بىكارغا كەتمەس.
19ئى ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ دانا بول، قەلبىڭنى خۇدانىڭ يولىغا باشلىغىن.
20مەيخورلارغا ئارىلاشما، نەپسى يامان گۆشخورلار بىلەن باردى‫‪‎-‎‬‬كەلدى قىلما؛
21چۈنكى ھاراقكەش بىلەن نەپسى يامان ئاخىرىدا يوقسۇللۇقتا قالار، غەپلەت ئۇيقۇسىغا پاتقانلارغا جەندە كىيىمنى كىيگۈزەر.
22سېنى تاپقان ئاتاڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلا، ئاناڭ قېرىغاندا ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلما.
23ھەقىقەتنى سېتىۋال، ئۇنى ھەرگىز سېتىۋەتمە. دانالىق، تەربىيە ۋە يورۇتۇلۇشنىمۇ ئال.
24ھەققانىي بالىنىڭ ئاتىسى چوڭ خۇشاللىق تاپار؛ دانا ئوغۇلنى تاپقان ئاتىسى ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولار.
25ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئاناڭنى سۆيۈندۈرۈپ، سېنى تۇغقان ئاناڭنى خۇش قىل.
26ئى ئوغلۇم، قەلبىڭنى ماڭا تاپشۇر؛ كۆزلىرىڭمۇ ھاياتلىق يوللىرىمغا تىكىلسۇن!
27چۈنكى پاھىشە ئايال چوڭقۇر ئورىدۇر، بۇزۇق يات ئايال تار زىنداندۇر؛
28ئۇلار قاراقچىدەك مۆكۈۋېلىپ، ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى ۋاپاسىزلارنى كۆپەيتەر.
29كىمدە ئازاب بار؟ كىمدە دەرد‫‪‎-‎‬‬ئەلەم؟ كىم جېدەل ئىچىدە قالار؟ كىم نالە‫‪‎-‎‬‬پەرياد كۆتۈرەر؟ كىم سەۋەبسىز يارىلىنار؟ كىمنىڭ كۆزى قىزىرىپ كېتەر؟
30دەل شاراب ئۈستىدە ئۇزۇن ئولتۇرغان، ئەبجەش شارابتىن تېتىشقا ئالدىرىغان مەيخورلار!
31شارابنىڭ ئاجايىب قىزىللىقىغا، ئۇنىڭ جامدىكى جۇلالىقىغا، كىشىنىڭ گېلىدىن شۇنداق سىلىق ئۆتكەنلىكىگە مەپتۇن بولۇپ قالما!
32ئاخىرىدا ئۇ زەھەرلىك يىلاندەك چېقىۋالىدۇ، ئوق يىلاندەك نەشتىرىنى سانجىيدۇ.
33كۆز ئالدىڭدا غەلىتە مەنزىرىلەر كۆرۈنىدۇ، ئاغزىڭدىن قالايمىقان سۆزلەر چىقىدۇ.

Read پەند-نەسىھەتلەر 23پەند-نەسىھەتلەر 23
Compare پەند-نەسىھەتلەر 23:18-33پەند-نەسىھەتلەر 23:18-33