9سېخىي ئادەم بەرىكەت تاپار؛ چۈنكى ئۇ مىسكىنلەرگە ئۆز نېنىدىن بۆلۈپ بەرگۈچىدۇر.
10ھاكاۋۇرنى قوغلىۋەتسەڭ، جېدەل-ماجىرا بېسىلار؛ كېلىشمەسلىكلەر ۋە شەرمەندىچىلىكلەر تۈگەر.
11پاك نىيەتنى قەدىرلەيدىغان كىشىنىڭ سۆزلىرى گۈزەلدۇر؛ شۇڭا پادىشاھ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولار.
12پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ئىلىم-ھەقىقەتنى ساقلار؛ ئۇ ئىپلاسلارنىڭ سۆزلىرىنى ئېچىپ تاشلاپ بىكار قىلار.
13ھۇرۇن ئادەم: «تاشقىرىدا بىر شىر تۇرىدۇ، كوچىغا چىقسام ئۆلتۈرۈلىمەن!» ــ دەيدۇ.
14زىناخور ئايالنىڭ ئاغزى چوڭقۇر بىر ئورىدۇر؛ پەرۋەردىگار نارازى بولغان كىشى ئۇنىڭغا چۈشۈپ كېتەر.