8ناھەقلىق ئۇرۇقىنى چاچقاننىڭ ئالىدىغان ھوسۇلى بالايىئاپەتتۇر؛ ئۇنىڭ غەزەپ-ھەيۋىسى چۈشەر.
9سېخىي ئادەم بەرىكەت تاپار؛ چۈنكى ئۇ مىسكىنلەرگە ئۆز نېنىدىن بۆلۈپ بەرگۈچىدۇر.
10ھاكاۋۇرنى قوغلىۋەتسەڭ، جېدەل-ماجىرا بېسىلار؛ كېلىشمەسلىكلەر ۋە شەرمەندىچىلىكلەر تۈگەر.