Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 22

پەند-نەسىھەتلەر 22:5-27

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5ھىيلىگەرلەرنىڭ يولىدا تىكەنلەر، تۇزاقلار ياتار؛ ئۆز يولىغا ھېزى بولغان كىشى ئۇلاردىن يىراق بولار.
6بالىغا كىچىكىدە مىجەزىگە قاراپ دۇرۇس تەربىيە بەرسەڭ، چوڭ بولغاندا ئۇ شۇ يولدىن چىقماس.
7بايلار مىسكىنلەرنى باشقۇرۇر؛ قەرزدار قەرز ئىگىسىنىڭ قۇلىدۇر.
8ناھەقلىق ئۇرۇقىنى چاچقاننىڭ ئالىدىغان ھوسۇلى بالايىئاپەتتۇر؛ ئۇنىڭ غەزەپ‫‪‎-‎‬‬ھەيۋىسى چۈشەر.  
9سېخىي ئادەم بەرىكەت تاپار؛ چۈنكى ئۇ مىسكىنلەرگە ئۆز نېنىدىن بۆلۈپ بەرگۈچىدۇر.  
10ھاكاۋۇرنى قوغلىۋەتسەڭ، جېدەل‫‪‎-‎‬‬ماجىرا بېسىلار؛ كېلىشمەسلىكلەر ۋە شەرمەندىچىلىكلەر تۈگەر.
11پاك نىيەتنى قەدىرلەيدىغان كىشىنىڭ سۆزلىرى گۈزەلدۇر؛ شۇڭا پادىشاھ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولار.
12پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ئىلىم‫‪‎-‎‬‬ھەقىقەتنى ساقلار؛ ئۇ ئىپلاسلارنىڭ سۆزلىرىنى ئېچىپ تاشلاپ بىكار قىلار.
13ھۇرۇن ئادەم‫‪:‬‬ «تاشقىرىدا بىر شىر تۇرىدۇ، كوچىغا چىقسام ئۆلتۈرۈلىمەن!» ــ دەيدۇ.
14زىناخور ئايالنىڭ ئاغزى چوڭقۇر بىر ئورىدۇر؛ پەرۋەردىگار نارازى بولغان كىشى ئۇنىڭغا چۈشۈپ كېتەر.
15نادانلىق سەبىي بالىلارنىڭ قەلبىگە باغلاغلىقتۇر؛ بىراق تەربىيە تايىقى بۇنى ئۇنىڭدىن يىراق قىلار.
16مىسكىنلەرنى ئېزىش بىلەن باي بولغان، ۋە بايلارغا سوۋغات سۇنىدىغان كىشى، ئاخىرى پەقەت يوقسۇللۇقتا قالار.
17قۇلاق سال، ساڭا ئاقىلانىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئۆگىتەي؛ كۆڭۈل قويۇپ بىلىمىمنى ئۆگەنگىن.
18ئۇلارنى قەلبىڭدە چىڭ تۇتساڭ، ئۇلار ساڭا شېرىن بولار، لەۋلىرىڭدە سەپ بولۇپ تەييار تۇرىدۇ.
19چىن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگارغا تايىنىشىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرنى باشقا بىرسىگە ئەمەس، بەلكى ساڭا يەتكۈزدۇم.
20ئۇنىڭدىن مانا ئوتتۇزنى يازدىم، بۇنىڭ ئىچىدە نەسىھەتلەر ھەم بىلىم بار.
21بۇلار بىلەن ھەقىقەتنىڭ سۆزلىرىنىڭ دەرۋەقە ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسەن، ۋە شۇنداق قىلىپ سېنى ئەۋەتكۈچىلەرگە ھەقىقەتنىڭ سۆزلىرى بىلەن جاۋاب قايتۇرالايسەن.
22يوقسۇلدىن بۇلاپ ئالما، ئۇ كەمبەغەل تۇرسا، ئاجىز مۆمىنلەرنى سوراق ئورنىدا بوزەك قىلما.   
23چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى كۆتۈرەر، ئۇلاردىن بۇلاپ ئالغانلاردىن بۇلاپ ئالار.
24مىجەزى ئىتتىك ئادەم بىلەن دوست بولما، قەھرلىك ئادەم بىلەن ئارىلاشما،
25بولمىسا، ئۇنىڭ يامان يولىنى ئۆگىنىپ قېلىپ، قىلتاققا چۈشىسەن.
26باشقىلارغا كېپىل بولۇپ قول بەرگۈچىلەردىن بولما، قەرزلەرنى تۆلەشكە كاپالەت بەرگۈچىلەردىن بولما؛
27سېنىڭ قايتۇرالىغۇدەك نەرسەڭ بولغان بولسا، ئۇلار ئورۇن‫‪‎-‎‬‬كۆرپىلىرىڭنى بىكاردىن‫‪‎-‎‬‬بىكار ئاستىڭدىن ئېلىپ كەتمىگەن بولاتتى!

Read پەند-نەسىھەتلەر 22پەند-نەسىھەتلەر 22
Compare پەند-نەسىھەتلەر 22:5-27پەند-نەسىھەتلەر 22:5-27