5ھىيلىگەرلەرنىڭ يولىدا تىكەنلەر، تۇزاقلار ياتار؛ ئۆز يولىغا ھېزى بولغان كىشى ئۇلاردىن يىراق بولار.
6بالىغا كىچىكىدە مىجەزىگە قاراپ دۇرۇس تەربىيە بەرسەڭ، چوڭ بولغاندا ئۇ شۇ يولدىن چىقماس.
7بايلار مىسكىنلەرنى باشقۇرۇر؛ قەرزدار قەرز ئىگىسىنىڭ قۇلىدۇر.
8ناھەقلىق ئۇرۇقىنى چاچقاننىڭ ئالىدىغان ھوسۇلى بالايىئاپەتتۇر؛ ئۇنىڭ غەزەپ-ھەيۋىسى چۈشەر.
9سېخىي ئادەم بەرىكەت تاپار؛ چۈنكى ئۇ مىسكىنلەرگە ئۆز نېنىدىن بۆلۈپ بەرگۈچىدۇر.
10ھاكاۋۇرنى قوغلىۋەتسەڭ، جېدەل-ماجىرا بېسىلار؛ كېلىشمەسلىكلەر ۋە شەرمەندىچىلىكلەر تۈگەر.
11پاك نىيەتنى قەدىرلەيدىغان كىشىنىڭ سۆزلىرى گۈزەلدۇر؛ شۇڭا پادىشاھ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولار.