19چىن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگارغا تايىنىشىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرنى باشقا بىرسىگە ئەمەس، بەلكى ساڭا يەتكۈزدۇم.
20ئۇنىڭدىن مانا ئوتتۇزنى يازدىم، بۇنىڭ ئىچىدە نەسىھەتلەر ھەم بىلىم بار.
21بۇلار بىلەن ھەقىقەتنىڭ سۆزلىرىنىڭ دەرۋەقە ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسەن، ۋە شۇنداق قىلىپ سېنى ئەۋەتكۈچىلەرگە ھەقىقەتنىڭ سۆزلىرى بىلەن جاۋاب قايتۇرالايسەن.
22يوقسۇلدىن بۇلاپ ئالما، ئۇ كەمبەغەل تۇرسا، ئاجىز مۆمىنلەرنى سوراق ئورنىدا بوزەك قىلما.
23چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى كۆتۈرەر، ئۇلاردىن بۇلاپ ئالغانلاردىن بۇلاپ ئالار.
24مىجەزى ئىتتىك ئادەم بىلەن دوست بولما، قەھرلىك ئادەم بىلەن ئارىلاشما،
25بولمىسا، ئۇنىڭ يامان يولىنى ئۆگىنىپ قېلىپ، قىلتاققا چۈشىسەن.
26باشقىلارغا كېپىل بولۇپ قول بەرگۈچىلەردىن بولما، قەرزلەرنى تۆلەشكە كاپالەت بەرگۈچىلەردىن بولما؛
27سېنىڭ قايتۇرالىغۇدەك نەرسەڭ بولغان بولسا، ئۇلار ئورۇن-كۆرپىلىرىڭنى بىكاردىن-بىكار ئاستىڭدىن ئېلىپ كەتمىگەن بولاتتى!