27يامان ئادەمنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ رەزىل غەرەزدە ئەپكېلىنگەن بولسا تېخىمۇ شۇنداقتۇر!
28يالغان گۇۋاھلىق قىلغۇچى ھالاك بولار؛ ئەينى ئەھۋالنى ئاڭلاپ سۆزلىگەن كىشىنىڭ سۆزى ئەبەدگىچە ئاقار.
29يامان ئادەم يۈزىنى قېلىن قىلار؛ دۇرۇس كىشى يولىنى ئويلاپ پۇختا باسار.
30پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرالايدىغان ھېچقانداق دانالىق، ئەقىل-پاراسەت ياكى تەدبىر يوقتۇر.
31ئاتلار جەڭ كۈنى ئۈچۈن تەييار قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق غەلىبە-نىجات پەقەت پەرۋەردىگاردىندۇر.