16ياتقا كېپىل بولغان كىشىدىن قەرزگە تونىنى تۇتۇپ ئالغىن؛ يات خوتۇنغا كاپالەت بەرگەن كىشىدىن كاپالەت پۇلى ئال.
17ئالداپ ئېرىشكەن تاماق تاتلىقتۇر؛ كېيىن، ئۇنىڭ يېگىنى شېغىل بولار.
18پىلانلار مەسلىھەت بىلەن بېكىتىلەر؛ پىشقان كۆرسەتمە بىلەن جەڭ قىلغىن.
19گەپ توشۇغۇچى سىرلارنى ئاشكارىلار؛ شۇڭا ۋالاقتەككۈر بىلەن ئارىلاشما.
20كىمىكى ئاتا-ئانىسىنى ھاقارەت قىلسا، ئۇنىڭ چىرىغى زۇلمەت قاراڭغۇسىدا ئۆچەر!
21تېز ئېرىشكەن مىراس ھامان بەرىكەتلىك بولماس.
22يامانلىققا يامانلىق قايتۇراي دېمە؛ پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كۈت، ئۇ دەردىڭگە يېتەر.
23ئىككى خىل تارازا تېشى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ ساختا ئۆلچەم قەتئىي يارىماس.
24ئىنساننىڭ ھاياتلىق قەدەملىرىنى پەرۋەردىگار بەلگىلەيدۇ؛ ئۇنداقتا ئىنسان ئۆز مۇساپىسىنى نەدىن بىلسۇن؟
25بىر نەرسىسىنى يېنىكلىك بىلەن «خۇداغا ئاتالغان!» دەپ ۋەدە بېرىش، قەسەملەردىن كېيىن ئىككىلىنىپ قايتا ئويلىنىش، ئۆز جېنىنى قىلتاققا چۈشۈرگەنگە باراۋەر.
26دانا پادىشاھ يامانلارنى توپاننى سورۇغاندەك سورۇۋېتىدۇ، خامان تەپكەندەك تۇلۇق بىلەن يانجىۋېتەر.
27ئادەمنىڭ روھ-ۋىجدانى ــ پەرۋەردىگارنىڭ چىرىغىدۇر، ئۇ قەلبنىڭ ھەربىر تەگلىرىنى تەكشۈرۈپ پەرق ئېتەر.
28مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت پادىشاھنى ساقلايدۇ؛ ئۇ مېھىر-شەپقەت بىلەنلا ئۆز تەختىنى مۇستەھكەملەيدۇ.
29ياش يىگىتلەرنىڭ قاۋۇللۇقى ئۇلارنىڭ پەخرىدۇر؛ قېرىلارنىڭ ئىززىتى ئاق چاچلىرىدۇر.