15ئالتۇن بار، لەئەل-ياقۇتلارمۇ كۆپتۇر؛ بىراق بىلىمنى بېغىشلىغان لەۋلەر نېمىدېگەن قىممەتلىك گۆھەردۇر!
16ياتقا كېپىل بولغان كىشىدىن قەرزگە تونىنى تۇتۇپ ئالغىن؛ يات خوتۇنغا كاپالەت بەرگەن كىشىدىن كاپالەت پۇلى ئال.
17ئالداپ ئېرىشكەن تاماق تاتلىقتۇر؛ كېيىن، ئۇنىڭ يېگىنى شېغىل بولار.
18پىلانلار مەسلىھەت بىلەن بېكىتىلەر؛ پىشقان كۆرسەتمە بىلەن جەڭ قىلغىن.
19گەپ توشۇغۇچى سىرلارنى ئاشكارىلار؛ شۇڭا ۋالاقتەككۈر بىلەن ئارىلاشما.
20كىمىكى ئاتا-ئانىسىنى ھاقارەت قىلسا، ئۇنىڭ چىرىغى زۇلمەت قاراڭغۇسىدا ئۆچەر!
21تېز ئېرىشكەن مىراس ھامان بەرىكەتلىك بولماس.
22يامانلىققا يامانلىق قايتۇراي دېمە؛ پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كۈت، ئۇ دەردىڭگە يېتەر.