17ھەرقانداق ئۇچار قانات تۇيۇپ قالغاندا تۇزاق قويۇش بىكار ئاۋارىچىلىكتۇر؛
18لېكىن بۇلار دەل ئۆز قېنىنى تۆكۈش ئۈچۈن ساقلايدۇ؛ ئۆز جانلىرىغا زامىن بولۇشنى كۈتىدۇ.
19نەپسى يوغىناپ كەتكەن ھەربىر ئادەمنىڭ يوللىرىنىڭ ئاقىۋىتى مانا شۇنداق؛ ھارام مال-دۇنيا ئۆز ئىگىلىرىنىڭ جېنىنى ئالىدۇ.
20بۈيۈك دانالىق كوچىدا ئوچۇق-ئاشكارا خىتاب قىلماقتا، چوڭ مەيدانلاردا ساداسىنى ئاڭلاتماقتا.
21كوچا دوقمۇشلىرىدا ئادەملەرنى چاقىرماقتا، شەھەر دەرۋازىلىرىدا سۆزلىرىنى جاكارلىماقتا: ــ
22ئى ساددىلار، قاچانغىچە مۇشۇنداق نادانلىققا بېرىلىسىلەر؟ مەسخىرە قىلغۇچىلار قاچانغىچە مەسخىرىلىكتىن ھۇزۇر ئالسۇن؟ ئەخمەقلەر قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلەنسۇن؟!
23تەنبىھلىرىمگە قۇلاق سېلىپ ماڭغان يولۇڭلاردىن يانغان بولساڭلار ئىدى! روھىمنى سىلەرگە تۆكۈپ بېرەتتىم، سۆزلىرىمنى سىلەرگە بىلدۈرگەن بولاتتىم.
24لېكىن چاقىرسام، ئاڭلىمىدىڭلار؛ قولۇمنى ئۇزارتسام، ھېچقايسىڭلار قارىمىدىڭلار.
25نەسىھەتلىرىمنىڭ ھەممىسىگە پەرۋا قىلمىدىڭلار، تەنبىھىمنى ئاڭلاشنى قىلچە خالىمىدىڭلار.