9ئىنسان كۆڭلىدە ئۆز يولىنى توختىتار؛ ئەمما قەدەملىرىنى توغرىلايدىغان پەرۋەردىگاردۇر.
10ھەتتا پادىشاھانىڭ لەۋلىرىگە قارىتىپ ئەپسۇن ئوقۇلسىمۇ، ئۇنىڭ ئاغزى توغرا ھۆكۈمدىن چەتنىمەس.
11ئادىل تارازا-مىزانلار پەرۋەردىگارغا خاستۇر؛ تارازا تاشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ياسىغاندۇر.
12پادىشاھ رەزىللىك قىلسا يىرگىنچلىكتۇر، چۈنكى تەخت ھەققانىيەت بىلەنلا مەھكەم تۇرار.