25ئادەم بالىسىغا توغرىدەك كۆرۈنىدىغان بىر يول بار، لېكىن ئاقىۋىتى ھالاكەتكە بارىدىغان يوللاردۇر.
26ئىشلىگۈچىنىڭ ئىشتىيى ئۇنى ئىشقا سالار؛ ئۇنىڭ قارنى ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلار.
27مۇتتەھەم كىشى يامان گەپنى كولاپ يۈرەر؛ ئۇنىڭ لەۋلىرى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ئوخشار.
28ئەگرى ئادەم جېدەل-ماجىرا تۇغدۇرغۇچىدۇر؛ غەيۋەتچى يېقىن دوستلارنى ئايرىۋېتەر.
29زوراۋان كىشى يېقىن ئادىمىنى ئازدۇرار؛ ئۇنى يامان يولغا باشلاپ كىرەر.
30كۆزىنى يۇمۇۋالغان كىشى يامان نىيەتنى ئويلار؛ لېۋىنى چىشلىگەن كىشى يامانلىققا تەيياردۇر.