13كۆڭۈل شاد بولسا، خۇش چىراي بولار؛ دەرد-ئەلەم تارتسا، روھى سۇنار.
14يورۇتۇلغان كۆڭۈل بىلىمنى ئىزدەر؛ ئەقىلسىزنىڭ ئاغزى نادانلىقنى ئوزۇق قىلار.
15ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەممە كۈنلىرى تەستە ئۆتەر؛ بىراق شاد كۆڭۈل ھەركۈنىنى ھېيتتەك ئۆتكۈزەر.
16زور بايلىق بىلەن بىئاراملىق تاپقاندىن، ئازغا شۈكۈر قىلىپ، پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگەن ئەۋزەل.
17نەپرەت ئىچىدە يېگەن بورداق گۆشتە قىلىنغان كاتتا زىياپەتتىن، مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە يېگەن كۆكتات ئەۋزەل.
18تېرىككەك كىشى جېدەل چىقىرار؛ ئېغىر-بېسىق تالاش-تارتىشلارنى تىنچلاندۇرار.