11تەھتىسارا ۋە ھالاكەت پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا ئوچۇق تۇرغان يەردە، ئىنسان كۆڭلىدىكى ئوي-پىكىرنى قانداقمۇ ئۇنىڭدىن يوشۇرالىسۇن؟!
12ھاكاۋۇر تەنبىھ بەرگۈچىنى ياقتۇرماس؛ ئۇ ئاقىلانىلەردىن نەسىھەت ئېلىشقا بارماس.
13كۆڭۈل شاد بولسا، خۇش چىراي بولار؛ دەرد-ئەلەم تارتسا، روھى سۇنار.
14يورۇتۇلغان كۆڭۈل بىلىمنى ئىزدەر؛ ئەقىلسىزنىڭ ئاغزى نادانلىقنى ئوزۇق قىلار.
15ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەممە كۈنلىرى تەستە ئۆتەر؛ بىراق شاد كۆڭۈل ھەركۈنىنى ھېيتتەك ئۆتكۈزەر.