20نامرات كىشى ھەتتا ئۆز يېقىنىغىمۇ يامان كۆرۈنەر. باينىڭ دوستى بولسا كۆپتۇر.
21يېقىنىنى پەس كۆرگەن گۇناھكاردۇر؛ لېكىن مىسكىنلەرگە رەھىم قىلغان بەرىكەت تاپار.
22يامانلىق ئويلىغانلار يولدىن ئاداشقانلاردىن ئەمەسمۇ؟ بىراق ياخشىلىق ئويلىغانلار رەھىم-شەپقەت، ھەقىقەت-سادىقلىققا مۇيەسسەر بولار.
23ھەممە مېھنەتتىن پايدا چىقار؛ بىراق قۇرۇق پاراڭلار ئادەمنى موھتاجلىقتا قالدۇرار.
24ئاقىلانىلەر ئۈچۈن بايلىقلار بىر تاجدۇر؛ ئەخمەقلەرنىڭ نادانلىقىدىن پەقەت يەنە شۇ نادانلىقلا چىقار.