Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 14

پەند-نەسىھەتلەر 14:17-22

Help us?
Click on verse(s) to share them!
17تېرىككەك ئەخمەقلىق قىلار؛ نەيرەڭۋاز ئادەم نەپرەتكە ئۇچرار.
18ساددىلار ئەخمەقلىققا ۋارىسلىق قىلار؛ پەم‫‪‎-‎‬‬پاراسەتلىكلەر بىلىمنى ئۆز تاجى قىلار.
19يامانلار ياخشىلارنىڭ ئالدىدا ئىگىلەر؛ قەبىھلەر ھەققانىينىڭ دەرۋازىلىرى ئالدىدا باش ئۇرار.
20نامرات كىشى ھەتتا ئۆز يېقىنىغىمۇ يامان كۆرۈنەر. باينىڭ دوستى بولسا كۆپتۇر.
21يېقىنىنى پەس كۆرگەن گۇناھكاردۇر؛ لېكىن مىسكىنلەرگە رەھىم قىلغان بەرىكەت تاپار.
22يامانلىق ئويلىغانلار يولدىن ئاداشقانلاردىن ئەمەسمۇ؟ بىراق ياخشىلىق ئويلىغانلار رەھىم‫‪‎-‎‬‬شەپقەت، ھەقىقەت‫‪‎-‎‬‬سادىقلىققا مۇيەسسەر بولار.

Read پەند-نەسىھەتلەر 14پەند-نەسىھەتلەر 14
Compare پەند-نەسىھەتلەر 14:17-22پەند-نەسىھەتلەر 14:17-22