7بەزىلەر ئۆزىنى باي كۆرسەتكىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە قۇرۇق سۆلەتتۇر؛ بەزىلەر ئۆزىنى يوقسۇل كۆرسەتكىنى بىلەن زور بايلىقلىرى باردۇر.
8ئۆز بايلىقى گۆرۈگە تۇتۇلغان باينىڭ جېنىغا ئارا تۇرار؛ بىراق يوقسۇللار ھېچ ۋەھىمىنى ئاڭلىماس.
9ھەققانىي ئادەمنىڭ نۇرى شادلىنىپ پارلار؛ بىراق يامان ئادەمنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلەر.
10كىبىرلىكتىن پەقەت جېدەل-ماجىرالا چىقار؛ دانالىق بولسا نەسىھەتنى ئاڭلىغانلار بىلەن بىللىدۇر.
11ئىشلىمەي تاپقان ھارام بايلىق بەرىكەتسىزدۇر؛ تەر تۆكۈپ ھالال تاپقان گۈللىنەر.
12تەلمۈرگىنىگە كۈتۈپ ئېرىشەلمەسلىك كۆڭۈلنى سۇنۇق قىلار، لېكىن تەشنالىقتا ئېرىشكىنى «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر.
13خۇدانىڭ كالام-سۆزىگە پىسەنت قىلمىغان ئادەم گۇناھنىڭ تۆلىمىگە قەرزدار بولار؛ لېكىن پەرماننى قەدىرلىگەن ئادەم ياخشىلىق كۆرەر.
14ئاقىلانىنىڭ تەلىمى ھاياتلىق بەرگۈچى بۇلاقتۇر، ئۇ سېنى ئۆلۈم تۇزاقلىرىدىن قۇتۇلدۇرار.
15ئاقىلانىلىك ئادەمنى ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈرەر؛ بىراق تۇزكورلارنىڭ يولى ئەگرى-بۈگرى، جاپالىق بولار.