11تىرىشىپ تېرىقچىلىق قىلغان دېھقاننىڭ قورسىقى توق بولار؛ ئەمما خام خىياللارغا بېرىلگەن كىشىنىڭ ئەقلى يوقتۇر.
12يامان ئادەم يامانلىق قىلتىقىنى كۆزلەپ ئولتۇرار؛ ئەمما ھەققانىي ئادەمنىڭ يىلتىزى مېۋە بېرىپ تۇرار.
13يامان ئادەم ئۆز ئاغزىنىڭ گۇناھىدىن تۇتۇلار؛ ھەققانىي ئادەم مۇشەققەت-قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلار.
14ئادەم ئۆز ئاغزىنىڭ مېۋىسىدىن قانائەت تاپار؛ ئۆز قولى بىلەن قىلغانلىرىدىن ئۇنىڭغا ياندۇرۇلار.
15ئەخمەق ئۆز يولىنى توغرا دەپ بىلەر؛ ئەمما دەۋەتكە قۇلاق سالغان كىشى ئاقىلانىدۇر.
16ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى كەلسە، تېزلا بىلىنەر؛ زېرەك كىشى ھاقارەتكە سەۋر قىلار، سەتچىلىكنى ئاشكارىلىماس.
17ھەقىقەتنى ئېيتقان كىشىدىن ئادالەت بىلىنەر؛ يالغان گۇۋاھلىق قىلغۇچىدىن ئالدامچىلىق بىلىنەر.
18بەزلىلەرنىڭ يېنىكلىك بىلەن ئېيتقان گېپى ئادەمگە سانجىلغان قىلىچقا ئوخشار؛ بىراق ئاقىلانىنىڭ تىلى دەردكە دەرماندۇر.
19راستچىل مەڭگۈ تۇرغۇزۇلىدۇ؛ لەۋزى يالغان بولسا بىردەملىكتۇر.