Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پەند-نەسىھەتلەر - پەند-نەسىھەتلەر 12

پەند-نەسىھەتلەر 12:1-6

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1كىمكى تەربىيىنى قەدىرلىسە، بىلىمنىمۇ سۆيگۈچىدۇر؛ لېكىن تەنبىھكە نەپرەتلەنگەن نادان‫‪‎-‎‬‬ھاماقەتتۇر.
2ياخشى نىيەتلىك ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشەر؛ ئەمما پەرۋەردىگار ھىيلە‫‪‎-‎‬‬مىكىرلىك ئادەمنىڭ گۇناھىنى بېكىتەر.
3ئادەملەر يامانلىق قىلىپ ئامانلىق تاپالماس؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ يىلتىزى تەۋرەنمەس.
4پەزىلەتلىك ئايال ئېرىنىڭ تاجىدۇر؛ ئەمما ئۇنى ئۇياتقا سالغۇچى خوتۇن ئۇنىڭ ئۇستىخىنىنى چىرىتەر.
5ھەققانىي ئادەمنىڭ ئوي‫‪‎-‎‬‬پىكرى دۇرۇس ھۆكۈم چىقىرار؛ يامانلارنىڭ نەسىھەتلىرى مەككارلىقتۇر.
6يامانلارنىڭ سۆزلىرى قان تۆكىدىغان قىلتاقتۇر؛ لېكىن دۇرۇسنىڭ سۆزى ئادەمنى قىلتاقتىن قۇتۇلدۇرار.

Read پەند-نەسىھەتلەر 12پەند-نەسىھەتلەر 12
Compare پەند-نەسىھەتلەر 12:1-6پەند-نەسىھەتلەر 12:1-6