25يامان ئادەم قۇيۇندەك ئۆتۈپ يوقار؛ لېكىن ھەققانىي ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇلدەكتۇر.
26ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك، كۆزىگە ئىس-تۈتەك كىرىپ كەتكەندەك، ھۇرۇن ئادەمنى ئىشقا ئەۋەتكەنمۇ شۇنداق بولار.
27پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئۆمۈرنى ئۇزۇن قىلار، ياماننىڭ ئۆمرى قىسقارتىلار.
28ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۈمىدى خۇرسەنلىك ئېلىپ كېلەر؛ لېكىن رەزىلنىڭ كۈتكىنى يوققا چىقار.
29پەرۋەردىگارنىڭ يولى دۇرۇس ياشاۋاتقانلارغا باشپاناھدۇر؛ قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا بولسا ھالاكەتتۇر.