9خەتتە ئۇ مۇنداق يازغانىدى: ــ «روزا تۇتۇش كېرەك دەپ بۇيرۇپ، خەلقنىڭ ئارىسىدا نابوتنى تۆردە ئولتۇرغۇزغىن؛
10ئىككى ئادەمنى، يەنى بېلىيالنىڭ بالىسىنى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى نابوتنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇزۇپ: «سەن خۇداغا ۋە پادىشاھقا لەنەت ئوقۇدۇڭ» دەپ گۇۋاھلىق بەرگۈزۈڭلار. ئاندىن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار».